خىتاي تۈركىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى مۇداپىئەلىنىشكە چاقىردى

مىنباۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان چىقىرىپ، تۈركىيىدە تۇرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى تاشقىرىغا ئاز چىقىپ، ئادەم كۆپ ۋە سەزگۈر سورۇنلاردىن نېرى تۇرۇشقا ھەم كېرەكلىك مۇداپىئە چارىلىرىنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان.

تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ 5 - ئىيۇلدىكى نامايشنى باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە بۇنى "مىللىي قىرغىنچىلىق "دەپ جاكارلىغان ئىدى.

تۈركىيىدىكى پارتىيىلەر ۋە تۈرك جامائىتى ئۇيغۇرلارغا يۇقىرى دەرىجىدە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە داۋاملىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تۈركىيىدە كۆپ قېتىم ئاممىۋى نامايىشلار يۈز بەرگەن ئىدى.