تۈركمەنىستان ئېنېرگىيە ئېكسپورتى جەھەتتە ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلاشماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشخاباتتىن بايان قىلىشىچە، تۈركمەنىستان ھازىر ئۆزىنىڭ مول ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايغا ۋە ئىرانغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن تۇرۇبا ياسىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر رۇسىيىگە كېتىۋاتقان ئىدى.

'ناتۇرال تۈركمەنىستان' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇقامەدوف ئەنگلىيىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەر شارى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. ئەنگلىيە ئەلچىسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا بىۋاستە تەبىئىي گاز ئېلىپ بارىدىغان تۇرۇبا يولى ياساشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.