تىزىملىكتە ئىككىنچى ئورۇندىكى نامزات، تۈركمەنىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى يارمۇقامەت ئورازگۇلىيېف 1.2% ئاۋازغا ئېرىشكەن. تۈركمەنىستان سايلام كومىتېتى بۈگۈن سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا، سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركمەنىستاندىكى مىللىي بىرلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ سايلامنى نازارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سايلام مۇتەخەسسىسلىرى سايلامنى نازارەت قىلىشقا دەۋەت قىلىنمىغان.
سايلامغا قاتناشتۇرۇلغان 8 نەپەر پرېزىدېنت نامزاتى سايلام داۋامىدا پرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوفقا قارشى بىر ئېغىزمۇ ئۆكتىچى مەزمۇندا پىكىر بايان قىلمىغان. ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى، مەزكۇر سايلامنىڭ خۇددى بىر قىسىم دىكتاتور دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاشلا، ساختا دېموكراتىك سايلاملاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.