شىنجاڭ ئۆزگەرتىش تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقانلار ۋە زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتىنى شۇنداقلا گۈزەل بىر شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى، پارتىيىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر ساھە، ھەر قاتلاملىرىدا " ۋەتەننى سۆيۈش" تەربىيىسى خىزمىتىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىپ، بۇنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلماقتا. ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي زاتلار ئارىسىدىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا ۋەز - نەسىھەت ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. مەسچىتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇسابىقە چەتئەللەردىكى دىنىي زاتلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.