ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرگە قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلمەكتە

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى بولغان شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇلتۇر 12-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل شەھىرىدە، «جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى ئۇلاشتۇرۇپ تەربىيىلەش» نامىدىكى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى داۋاملىق نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ھوشۇر 2004- يىلدىن 2010- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەردىن 38 مىڭ 250 كىشىگە قارىتا تۈرمىدىن داۋاملىق تەربىيىلەش، نازارەت قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك 40مىڭدىن كۆپ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىنىپ، 30 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ئۇچۇرى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە خىزمەت دوكلاتى بەرگەن.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ھوشۇر ئۆز دوكلاتىدا تىلغا ئالغان جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن 38 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ زور كۆپچىلىكى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر بولۇش ئېھتىمالى زور ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر نەزىرىدە يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى تىنچسىز ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، 1990-يىلدىكى بارىن ۋەقەسى، 1997-يىلدىكى ئىلى ۋەقەسى ھەم 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ئىيۇل ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەردە ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۈرمىگە قامالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغىلا ئاساسلانغاندا پەقەت 2009-يىلدىكى ئىيۇل ۋەقەسىدە 1400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.