دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ تۇرپان بويلۇقتىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش پىلانىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن 28-ئىيۇن كۈنى رادىئومىز ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇرپان بويلۇقتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن كۆچۈرۈش پىلانىنى ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيلۇقتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرت- ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇرلارنى ئانا يۇرتىدىن ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ پىلاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بويلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ بويلۇق يېزىسىدىكى 10 مىڭ 50 نوپۇسنىڭ 3 تەن 2 قىسمى كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە كۆچۈرۈلۈپ بولىنىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۇرپان بويلۇق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ چىڭمىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تەڭرىتاغ تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بويلۇق يېزىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى، بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ 8000 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەردە ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان يىلىغا تەخمىنەن 200 ئەتراپىدا يېڭىدىن نوپۇس كۆپىيىپ، يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان ئۆيلەر رايوندىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئازايتىۋەتكەچكە، رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھازىر بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان 2600 ئائىلىدىن ئاز دېگەندىمۇ 1500 ئائىلىنىڭ مەنزىرە رايونىنىڭ سىرتىغا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، بويلۇق مەنزىرە رايونى جۇڭگودىكى داڭلىق ساياھەت شەھىرى تۇرپاندىكى مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ، خىتايدا مەملىكەتلىك 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى دەپ بەلگىلەنگەن. بويلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۈزۈمچىلىك كەسپى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بويلۇقتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تىرىكچىلىكىدە ساياھەت كەسپىنى قوشۇمچە قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بويلۇقنىڭ يىللىق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن.