شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت بايقالغان كۆمۈر زاپىسى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەتلىك كۆمۈر قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئالدىنقى يىلى تۇرپان ئويمانلىقىدىن 190 مىليارد توننا كۆمۈر زاپىسى تاپقان بولسا، بۇ يىل يەنە يېڭىدىن 205 مىليارد 800 مىليون توننا كۆمۈر زاپىسى بايقىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، تۇرپان -قۇمۇل كۆمۈر بەلۋېغىدا جەمئىي 570 مىليارد توننا كۆمۈر زاپىسى بارلىقى مۆلچەرلىگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇرپان -قۇمۇل كۆمۈر بەلۋېغىنى "غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش" ئىستراتېگىيسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇھىم بازىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ - لەنجۇ تومۇر يولىغا يەنە بىر قوش رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر قوش رېلىس قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى قوش رېلىس پەقەت كۆمۈر، نېفىت ۋە باشقا خام ئەشيالارنى توشۇيدىغان، يۈك توشۇيدىغان رېلىسقا ئايلاندۇرۇلىدىكەن.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى يۆتكەش قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن، 2004 - يىلىدىن باشلاپ، "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" 1 - ۋە 2 - تۇرۇبا لىنىيىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ھەمدە بۇ يىل 3 - لىنىيىسىنى ياساشقا كىرىشكەن ئىدى.
