خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، يار يېزىسىنىڭ يېڭى مەھەللە كەنتىدە مۇقىملىق ساقلاش ساقچىخانىسى، توردا ئاقما نوپۇسنى كۆزىتىش قۇرۇلمىسى ۋە ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانـچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدە يەنە ئاقما نوپۇسقا قارىتىلغان باشقۇرۇش ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن. ئۇچۇردا كۆرسىتىشىچە، تۇرپان ۋىلايىتى نۆۋەتتە ئاقما نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىمۇ شۇ خىلدىكى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان ۋە ئالاقىدار نىزامنامىلارنى تۈزۈپ چىققان ئىدى.