خىتاي ساقچىلىرى كېپەك يۈزى يېزىسىدىن تۇتۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تېخىچە ئىز - دېرىكى يوق
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن مەلۇم بىر كىشى يېقىندا، خىتاي ساقچىلىرى غۇلجا شەھىرى كېپەك يۈزى يېزىسىنىڭ ئارا كېپەكيۈزى كەنتىدىن ھەبىبۇللا، تۆۋەن كېپەكيۈزى كەنتىدىن ھاكىم قاتارلىق 30 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇتۇپ كەتكەندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
غۇلجا شەھىرىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى 27 - ئىيول كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، 15 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە جىنايى نام بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ھەم بۇ ھەقتە ئارتۇقچە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.