خىتاي 15 نەپەر كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 15 كىشى ئۈستىدىن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئېلانى چىقاردى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ 15 نەپەر كىشىنى " ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇپ - چېقىش ۋەقەسى "گە چېتىشلىق گۇماندارلار دېگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى رەسىملىرىنى ئېلان قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇ 15 كىشى ئەگەر 10 كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولسا ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇلاردىن باشقا يەنە، ۋەقە جەريانىدا قولغا ئېلىنغان 40 نەپەر كىشىنىڭمۇ ئىسمى ۋە رەسىمىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلاردىن تۇنجى تۈركۈم ئاشكارىلانغانلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى 2000'گە يېقىن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۆلگەنلەر ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان رەقەمدىن نەچچە ھەسسە جىق ئىكەن.