مەزكۇر قېزىش خىزمىتىنى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، كۈسەن مىڭ ئۆيلىرى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق بىر قانچە ئورۇن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، تۇرپاندىكى تۇيۇق بۇددا غارلىرى مەدەنىيەت ئىزلىرى خىتاينىڭ «2010-يىلىدىكى ئالتە چوڭ ئارخېئولوگىيىلىك يېڭى بايقالما» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.
تۇرپان قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. تۇرپاندا ئەزەلدىنلا يەرلىك خەلقلەر مەدەنىيەت-سىياسەت ۋە نوپۇس ھەم باشقا جەھەتلەردىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى. 8-ئەسىردە ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەۋەسىگە كىرگەن ھەمدە غەربىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ماكانى بولغان تۇرپان ۋادىسى 9-ئەسىردە ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن شەرقىي تارماق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كېلىپ يەرلىشىش جايى بولغان.
بۇ ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ھاكىمىيەت- ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى تاكى 14-ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، ئىدىقۇت دەۋرى ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ئارخېئولوگ ئىيە خادىملىرى تۇرپاندىكى قەدىمىي ئىزلاردىن بۇ جايدا بۇرۇندىنلا خەنزۇلار ياشاپ كەلگەنلىكى، بۇ جايدا خەنزۇ مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سىياسىتى ھامىلىقىنىڭ ئىزچىللىققا ئىگە بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.
تۇيۇق بۇددا غارلىرىدىكى يېڭى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش 4-ئاينىڭ باشلىرىدا باشلىنىپ، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاخىرلىشىدىكەن. ھازىرچە، مەزكۇر ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم 500 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق جايدا مەخسۇس ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
