جۇ يۈڭجۇننىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، 5 سائەت داۋام قىلغان سوتتا تېخى ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان.
جۇ يۈڭجۈن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇ 2008 - يىلى خوڭكوڭغا كىرىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان ۋە بىر ئايدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. جۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن خىتايغا بارماقچى بولۇپ،خوڭكوڭ چېگرىسىدىن كىرگەندە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى ۋە خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى ئۆز قانۇنىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، جۇ يۈڭجۈن باشقىلارنىڭ بانكىدىكى پۇلىنى ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆزىنىڭ ھېسابىغا ئۆتكۈزىۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما جۇ يۈڭجۈن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى "بۇ پەقەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك جۇدىن ئۆچ ئېلىشىنىڭ بىر باھانىسى،" دەپ كۆرسەتتى.
جۇ يۈڭجۈن ئامېرىكىدا يېشىل كارت بىلەن تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ تېخى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتمىگەن ئىكەن.