خىتايدا 4-ئىيۇن تىيەنئەنمىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى

4-ئىيۇن، 1989-يىلدىكى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ 23 يىللىق خاتىرە كۈنى.

2012.05.29

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-ماي كۈنى خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى گۈيياڭ شەھىرىدە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بۇ كۈننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىپ، ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى خەلققە ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

گۇيجۇدىن رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي پۇقرالىرى گۇيياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ 2 سائەت داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭ يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا مەيداننى قامال قىلىش ھەرىكىتىدە بولمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا بىرنەچچە نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تىنچ ھالدا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتايدا 90-يىللارنىڭ بېشىدا پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى چېن شىتوڭمۇ تۈرمىدە كىتاب يېزىپ، 1989-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنى ئاقلاشنى بىلدۈردى.

چېن شىتوڭنىڭ خوڭكوڭدا نەشر قىلىنغان بۇ كىتابىدا يەنە ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا جياڭ زېمىن گۇرۇھى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى تەرەپبازلار كۈرىشىنىڭ قۇربانى قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.