ئامېرىكا تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاينى 89-يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە چېتىلىپ ھېلىھەم تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.06.04

بۇنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى باياناتچىسى مارك تونېر يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يەنە كۆپلۈكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاشۇ نامايىشقا قاتنىشىپ ھازىرقىغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە، شۇ ۋاقىتتا ئۆلگەن ۋە يوقالغانلارنىڭ سانىنى تولۇق ئاشكارىلاشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.

89-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلا ھەرىكىتى تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان 23 يىلدىن بۇيان مەزكۇر ۋەقە خىتاي-ئامېرىكا ئارىسىدىكى نازۇك دىپلوماتىك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

تونېر يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆز خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا قايتا چاقىرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.