بۇنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى باياناتچىسى مارك تونېر يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يەنە كۆپلۈكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاشۇ نامايىشقا قاتنىشىپ ھازىرقىغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە، شۇ ۋاقىتتا ئۆلگەن ۋە يوقالغانلارنىڭ سانىنى تولۇق ئاشكارىلاشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.
89-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلا ھەرىكىتى تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان 23 يىلدىن بۇيان مەزكۇر ۋەقە خىتاي-ئامېرىكا ئارىسىدىكى نازۇك دىپلوماتىك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
تونېر يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆز خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا قايتا چاقىرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.