خوڭكوڭلۇقلار «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
2012.06.04
خاتىرىلەش پائالىيىتى خوڭكوڭدىكى ۋېكتورىيە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە 150 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان خوڭكوڭلۇق ياش چەستون چۇڭ: بۇ خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەت. 4-ئىيۇن روھى ئۆلگىنى يوق؛ ئۇ تېخى ھايات، دېگەن.
ھالبۇكى،خىتاي ئاخباراتلىرى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ھەققىدە ھېچ قانداق خەۋەر بەرمىدى، خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بولسا 4-ئىيۇن مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، بېيجىڭ ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تۇتقۇن قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭنىڭ مۇھىم جايلىرىنىڭ ھەممىسىگە مەخپىي كۆزەتكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنىمۇ يىغىۋالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 23 يىلدىن بۇيان تىيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ «ئەكسىلئىنقىلابىي ۋەقە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ۋەقەنى باستۇرۇش جەريانىدا بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن جامائەت ئالدىدا ئەپۇ سورىغىنى يوق.
ئەمما، خوڭكوڭلۇقلار ھەر يىلى ھەر خىل پائالىەيتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە ۋەقەدە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.