ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى نۇر بەكرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى بايانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ 5 - ئىيوندىكى ئېنگىلىزچە خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلغان بولۇپ نۇر بەكرى قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە توختالغاندا " تېررورچىلار، چەت يېزا ‏ - كەنتلەردە ياشاۋاتقان پەقەتلا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان، خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ سىڭىپ كىرمەكتە،" دېگەن.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى نۇر بەكرىنىڭ مەزكۇر بايانلىرىغا جىددىي قارشى ئىنكاس قايتۇرۇپ بايانات ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باياناتىدا،" نۇر بەكرىنىڭ بۇ سۆزلىرى، تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇرلارنى خىتايچە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، پەقەت ئانا تىلدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا تېررور گۇماندارى دەپ كۆرسەتكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى تېررورلۇق بىلەن باغلاشتىن ئىبارەت بۇ ئەخمىقانە بايانى پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى بولغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئاقلاشنى مەقسەت قىلغان،" دېدى.

ئۇيغۈر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، مەركىزى ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇر بەكرىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېيتىلغان ئەخمىقانە سۆزلەر شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلارچە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەت،" دەپ ئەيىبلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۈگۈن نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ جەنۇبتا يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى ئىزچىل كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.