باياناتتا مۇنداق دەيدۇ: "ئا ئۇ ج ھازىرغا قەدەر تىزىملىكتىكى بۇ كىشىلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ھەرىكىتىنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئا ئۇ ج، ئۇيغۇرلارنى يەر شارى تېررورلۇق تورى بىلەن باغلاش تىرىشچانلىقى ئىشەنچ قازىنالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىملىك ئېلان قىلىشتىكى ۋاقتى ۋە غەرىزى مەقسەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ."
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، مەمتىمىن مەمەت، تۇرسۇن توختى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 نەپەر ئۇيغۇرنى " تېررورچىلار" تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ كىشىلەرنى خىتايغا تۇتۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ش. تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، باياناتتا " خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 8 كىشى ھەققىدىكى ئاتالمىش بايانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشنىڭ قورالى قىلىپ قوللانماقچى بولۇۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
بايانات، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 8 ئۇيغۇر ھەققىدىكى بايانلىرىغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان بولۇپ، " بىز تەرەپسىز بىر خەلقئارا ئورگاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بايانلارنىڭ راست - يالغانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز شۇنداقلا بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدىن ش. تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز " دەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى 8 ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى، دەپ جاكارلىغان ۋە ئۇلارنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
