شىنخۇا تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جىن جىمېي مۇھىم سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 2004 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان " ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرى خۇلاسە قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 5 - ئايدا بېيجىڭدا "شىنجاڭ خىزمىتى" يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن ئېچىلغان بارلىق يىغىنلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش بېرىش قايتا - قايتا تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ قېتىملىق يىغىندىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە، زوراۋان تېررورچى كۈچلەرگە، دىنىي رادىكال كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت يىغىندا، مەركەزنىڭ "شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە" ياردەم قىلىش سىياسىتىگە ئاساسەن، ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى ئىختىساسلىق خادىم، تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ۋە ئادەم يېتىشتۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ھەسسە قوشۇشى تەكىتلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە يىغىنغا، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق 28 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن مەسئۇل خادىملار قاتناشقان.