فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ گىلانىغا «جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىخەتەرلىك دىئالوگى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 3 خىل كۈچلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېگەن.
گىلانىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرى ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ئەلقائىدە رەھبىرى بىن لادېننى ئۇنىڭ ئىسلاماباد ئەتراپىدىكى قونالغۇسىدا ئۆلتۈرۈپ، پاكىستاننى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.
پاكىستاننىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى بىن لادېننى يوشۇرغانلىق ئېھتىمالى ئامېرىكىدا جىددىي گۇمان قوزغىغان ئىدى. گىلانىنىڭ بىن لادېن ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئوپۇل-توپۇل خىتاينى زىيارەت قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بۇ پاكىستاننىڭ ھازىرقى ئوسال ئەھۋالدىن خىتاينىڭ ياردىمىدە قۇتۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالغان ئىدى.
پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەخمەت مۇختەر نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي پاكىستانغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تاپشۇرۇش ۋاقتىنى تېزلىشقا ماقۇل بولغان.
ئەخمەت مۇختەر، خىتاينىڭ مۇشۇ 6 ئاي ئىچىدە پاكىستانغا 50 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گىلانى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، «پاكىستان-خىتاي شېرىكچىلىكى ۋاقىت،خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.
بەزى ئانالىزچىلار، پاكىستاننىڭ خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.