ئىگىلىنىشىچە، جيا چىڭلىڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە، يەرلىك دائىرىلەردىن ئاتالمىش "دىنىي ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش" نى تەكىتلىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جىياچىڭلىڭ شەنبە كۈنى خوتەندە زىيارەتتە بولۇپ، خوتەندىكى دىنىي زاتلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.
جياچىڭلىڭ دىنىي زاتلاردىن "مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك" ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ دىنىي زاتلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي خىزمەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى دىنىي بېسىمنى كۈندىن - كۈنگە ئاشۇرۇپ بارماقتا. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن روزا تۇتۇشىغىمۇ قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان. ھەرقايسى يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا روزا مەزگىلىدە سودىسىنى توختاتماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلارغا مەجبۇرىي ھالدا تاماق يېگۈزۈش، ئەمەل قىلمىغانلارغا مەمۇرىي جازا بېرىشتەك ۋاستىلارنى ئىشقا سالغان.