مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتاي دائىرىلىرىدىن چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 18‏-قۇرۇلتاي يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا توسقۇنلۇق ۋە ئاخبارات چەكلىمىسىنى قويغانلىقىنى تەنقىدلەپ، توسقۇنلۇق ۋە چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى باب دېيز، بۇ خىل چەكلىمە ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: خىتاي خەلقى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى بىلىشكە تامامەن ھەقلىق، دېگەن.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» يېقىندا باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلىسىنىڭ 2 مىليارد 700 مىليون دوللار مال-مۈلكى بارلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر گېزىتنىڭ خىتاي، ئىنگلىز تىللىرىدىكى تور بېكىتىنى تاقىۋەتكەن. ئامېرىكا بلۇمبېرگ خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تورىنى چەكلەپ قويغان. شۇنداقلا يەنە، مەخپىي ساقچىلار ئەنگلىيە سكاي خەۋەرلەر تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرلىرىنىڭ جېجياڭ نىڭبودا، پۇقرالارنىڭ نېفىت -خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشىنى سۈرەتكە ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بەزى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چەكلەپ قويۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە بۇ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ،، بۇنىڭ قانۇن بويىچە يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.