ئۇكرائىنلار چېرنوبىل ۋەقەسىنىڭ 23 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشېنكو باشلىق ئۇكرائىن رەھبەرلىرى پايتەخت كىيېۋ شەھىرىدىكى چېرنوبىل قۇربانلىرى ئۈچۈن ئورنىتىلغان خاتىرە ئورنىغا بېرىپ، گۈلچەمبىرەك قويۇش ئارقىلىق بۇنىڭدىن 23 يىل ئىلگىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو ئىستراتېگىيىسىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان چېرنوبىل قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىكتور يۇشېنكو سۆز قىلىپ، قازاغا ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن 23 يىل ئىلگىرى، يەنى 1986 - يىلى، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تاڭ سەھەردە چېرنوبىل ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە 90 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى نۇرغۇن ئادەملەرگە ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى زور پاجىئەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى غەرب مەتبۇئاتى "تايمىز" بىر ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىنىڭ خىتاينىڭ لوپنوردا ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق ئاتوم سىناقلىرىدا ئوخشاشلا زور ساندىكى ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.