ئۇكرائىنىيىدە ستالىننىڭ ئاچارچىلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرى ئەسلەندى

شەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيىنىڭ پايتەختى كىيېۋ ھەم باشقا شەھەرلەردە 1932 - 1933 - يىللىرى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە مەجبۇرى يوسۇندا كوللېكتىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بارلىق ئاشلىقلارنى ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا يىغىۋېلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئېغىر ئاچارچىلىق ۋەقەسىدە نەتىجىسىدە 7 مىليوندىن 10 مىليونغىچە بولغان ئۇكرائىنىيىلىكنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خاتىرىلەندى.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇكرائىنىيىدە بۇ ئاچارچىلىق ھادىسىسىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، يەنىلا شۇ ستالىن دەۋرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلەيدىغانلار مەۋجۇت. ئەمما ياش ئەۋلادلارنىڭ كۆز قارىشى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋەقەنى ئۇكرائىن مىللىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ھەمدە ئۇكرائىن خەلقىنىڭ پاجىئەسى دەپ قارىماقتا.

ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى ئاچارچىلىق دەۋرىگە ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرى تەتقىق قىلىپ ۋە ئېنىقلاپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاچارچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەتچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، سوت ئېچىشنى بېكىتكەن. شۇنداق بولغاندا، سوتلىنىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ بېشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن تۇرىدىكەن.

بۇنداق ئاچارچىلىق 1932 - 1933 - يىللىرى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، قازاقىستاندا ئەڭ ئېغىر بولغان ۋە زور ساندا ئادەملەر ئۆلۈپ كەتكەن. يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان بولۇپ، كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قىرىلىپ كەتكەن ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلار قوشنا ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كېلىپ، پاناھلانغان ئىدى.

30 - يىللاردىكى ئاچارچىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئەمما، ھازىرچە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى سوتلاش ھەققىدە سۆز بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.