ئۈمىد ھاجى 2010‏ - يىللىق ئىنگلىز تىلى نۇتۇق ۋە تالانت مۇسابىقىسىدا چېمپىيون بولدى

2010‏ - يىللىق ئىنگلىز تىلى نۇتۇق ۋە تالانت مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچىدە مۇسابىقىگە چۈشكەن ئۇيغۇر ماھىرى ئۈمىد ھاجى چېمپىيون بولغان.

خىتاينىڭ CCTV سى خەۋەر قىلغان كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، غۇلام تىل مەركىزىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچ چەتئەللەرگە ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن ئىمتىھانغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئۈمىد ھاجى ماھارەت كۆرسەتكەندە، ئىنگلىزچە تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك، ئىپادىلىشى تەبىئىي ۋە يېقىملىق، تەپەككۇرى ئوچۇق ۋە راۋان بولۇشى بىلەن يۇقىرى نەتىجە قازانغان.

ئۈمىد ھاجىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان.

مۇسابىقىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن، ماھىرلارغا نومۇر قويىدىغان خىتاي باھالىغۇچىلار بىلەن چەتئەللىك باھالىغۇچىلارنىڭ باھالاش ماھارىتى، شۇنداقلا يەنە بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ نەتىجىسىمۇ ئۈمىد ھاجىدىن قېلىشمايدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق مەلۇم بولغان.

ئۈمىد ھاجىنىڭ ئىنگلىز تىلى نۇتۇق ۋە تالانت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانلىقى ساۋاقداشلىرىغا ناھايىتى چوڭ ئىلھام بەرمەكتە.