ئىنكاستا بىلدۈرۈلۈشىچە پەزىلەت ئەكبەر، 5 -ئىيۇل ۋەقەسىدىن 2 ئاي كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 4 -ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مەخپىي سوتتا، قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پەزىلەت ئەكبەر ئەسلىدە قورغاس ناھىيىسىنىڭ سۈيدۈڭ بازىرىدىن بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇس تىلى سىنىپىنى 3 يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبى بىلەن ئوقۇشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ۋە دۆڭكۆۋرۈكتىكى خەلقئارالىق چوڭ بازاردا بىر خىتاي تىجارەتچىنىڭ دۇكىنىدا تەرجىمان ھەم مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇ 5 -ئىيۇل كۈنى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە نامايىشقا قاتناشقان. ئىنكاستا بىلدۈرۈلۈشىچە، پەزىلەت ئەكبەرنىڭ دادىسى ئۇ سوتلىنىشتىن 2 كۈن بۇرۇن، ئۇنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت يولى ساقچىلىرى پەزىلەتنىڭ دادىسىنى پەزىلەت بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن ۋە ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە بۇيرۇغان. پەزىلەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ سوتلانغانلىق خەۋىرىنى سوتتىن كېيىن ئۇققان.
رادىئومىزغا يوللانغان ئىنكاستا، پەزىلەت ئەكبەرنىڭ سوت كۈنى كونكرېت قانداق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. پەزىلەت ئەكبەرنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، پەزىلەت ئەكبەرنىڭ بوۋىسى، 1944 -يىلىدىكى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدا پارتلىغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان غازىلاردىن بىرىدۇر.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر قاناللىرى ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، پەزىلەت ئەكبەر نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. ئەمما پەزىلەت ئەكبەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ھازىرغا قەدەر تۈرمىگە بېرىپ يوقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ياكى ئېرىشەلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.