خىتاينىڭ بۇ يىللىق تارقاق ھەجگە بېرىشنى توساش ھەرىكىتى يەنە باشلاندى

ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق ھەج قىلىشىنى توساش ھەرىكىتى قايتا باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى خەلقئارالىق ئايرودرومدا، يولۇچىلارغا قارىتا 24 سائەت قاتتىق تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.05.05

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى گەرچە، ئايرودرومدا 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلىغان چېگرا تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنىڭ تارقاق ھەجگە بارغۇچىلارنى توسۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ،ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىكى خادىملارنىڭ بايانىچە، دائىرىلەر ئاساسەن چېگرا ئاتلىماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىيەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن شۇنداقلا بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈشنى ئالتە ئاي داۋاملاشتۇرىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا،خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاق ھەج قىلىشنى چەكلەشتە بىرىنچىسى كەنت كومىتېتى ئۆتكىلى، ئىككىنچىسى يېزا ‏- بازارلىق ساقچىخانىلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئۆتكىلى، ئۈچىنچىسى يېزا ‏- بازار رەھبەرلىرى تەستىقلاش ئۆتكىلىدىن ئىبارەت "ئۈچ ئۆتكەل" نى چىڭ تۇتۇش بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقان بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ ئۆتكەللەردىن مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆتۈپ پاسپورتىنى ئالغان تەقدىردىمۇ، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەج ئۆمەكلىرىگە تىزىملاش ھەققى ھەمدە تۆلەيدىغان ھەج راسخوتى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، تۈگىمەس قىيىن رەسمىيەتلەر ھەم يۇقىرى ھەج راسخوتى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپىنچىسى دېھقان بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجگە بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولماي كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجىگە بېرىشىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن تارايتقانلىق سەۋەبىدىن بەزى ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا ھەج يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان بولۇپ،ئۇلارنىڭ بۇ شەخسى ھەج سەپىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان تەقدىردە ئېغىر جەرىمانە ھەم جازاغا ئۇچرىماقتا، پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ چېگرا ئاتلىشى چەكلەنمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى 2009 - يىللىق ھەج ئىشلىرىغا تىزىملىتىش ئىشلىرىنى باشلىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ھەقىقى ئۈچۈنلا 15 مىڭ يۇەن تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئۈرۈمچى ئايرودرومى ھەم ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدىكى تارقاق ھەجنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى ئالتە ئايدىن ئۇزۇن داۋام قىلغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.