خىتاي ئۈرۈمچىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون ۋە خەلقئارالىق ھاۋا قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرماقچى

يېقىندا خىتاي ئۈرۈمچىنى نوپۇسى بەش مىليونغا يەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا-ئىقتىساد مەركىزىي ھېسابلىنىدىغان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 14-ئاپرېل كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى توققۇزاق ناھىيىسىدە «گۇاڭجوۋ يېڭى شەھىرى» نى قۇرۇشنى باشلىدى.

شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۈرۈمچىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق ھاۋا قاتناش تۆگىنى قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ئايرودرومى ھازىر خىتاينىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلغان.

ئا330، ب777، ب767 تىپلىق چوڭ ئايروپىلانلارنى ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر ئارىسىدا سېلىشنى پىلان قىلغا.

ئۈرۈمچىنى خەلقئارا ھاۋا لىنىيىسىنىڭ مەركىزىي سۈپىتىدە كۈچەيتىش پىلانلانغان بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن ئالمۇتا، بىشكەك، ئىسلامئاباد، يېڭى دېھلى ئارىسىدا قاتناش مەۋجۇت. بىراق، 2015-يىلىغىچە سەمەرقەنت، ئىستانبۇل، يېكاتىرىنابۇرگ، تىبلىس، لاھور ۋە مەشەد قاتارلىق شەھەرلەر ئارىسىدا ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلىدىكەن ھەم كۆپەيتىلىدىكەن.

خىتاي ھاۋا قاتناش ساھەسى ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيا شەھەرلىرىگە يېقىن بولۇشى، ياۋروپادىن ئاران 7-8 ئۇزاقلىقتا بولۇشى، كورىيە ۋە ياپونىيىگىمۇ ئانچە يىراق ئەمەسلىكتەك مەركىزىي تۈگۈنلۈك ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۈرۈمچىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق ھاۋا قاتناش تۆگىنى بولىدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشقان.