ئۈرۈمچىنىڭ دائىملىق نوپۇسى 3 مىليون 112 مىڭدىن ئاشتى

خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇس ئىستىلىستىكىلىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسى 3 مىليون 112 مىڭ 559 ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان. ئەمما ئۈرۈمچىنىڭ كۆچمە نوپۇسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

«ياشىن تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر 3 مىليون 112 مىڭ نوپۇسنىڭ 74.91% خىتايلار بولۇپ، باشقا مىللەتلەر 25.9%ni ئىگىلەيدىكەن. ئۈرۈمچىدىكى دائىملىق تۇرۇشلۇق خىتايلارنىڭ سانى 2 مىليون 331 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ سانى 780 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.

خەۋەردە، ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن، ئەمما 10 يىل ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ 764 مىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 266 مىڭ ئادەم كۆپەيگەنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ خەنزۇلاردىن يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بىراق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇشىغا قارىماي، بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش خىتايلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىر قانچە قېتىم نوپۇس جەھەتتە قىسقىراشقا دۇچ كەلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىجارە ئۆيلەرنى تەكشۈرۈش، تىزىملاش ۋە گۇمانلىق كىشىلەرنى تۇتۇش سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازلاپ كەتكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ئورۇنلىشىشىمۇ قىيىنلاشقان.

ھۆكۈمەت ستاتىستىكىلىرى بويىچە ئالغاندا، 1949-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسى 60 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، نوپۇسنىڭ يېرىمىنى خىتايلار ئىگىلىگەن، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە خىتايلارنىڭ نوپۇسى 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئاھالىنىڭ 5% ئىگىلىگەن، ئۇيغۇرلار بولسا، 80% گە يېقىن بولۇپ، بارلىق خىتايدىن باشقا مىللەتلەر قوشۇلۇپ، 95% نى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا خىتايلارنىڭ نىسبىتى يوق دېيەرلىك ھالەتتە ئىدى.

6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە، خىتايلارنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس نىسبىتى 41 % يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن،ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى خىتايلارنىڭ سانىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. خىتاي يەنە ئۈرۈمچىنى يېقىن ئارىدا بەش مىليون نوپۇسلۇق چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن ئىدى.