خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى خەلقئارالىق شەھەر قىلىپ، قۇرۇپ چىقىدىكەن

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى خەلقئارالىق شەھەر قىلىپ، قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ مەزكۇر قارارى ئۈرۈمچىگە كەلگەن ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشى قىيىنلاشتۇرۇلغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنى 2020- يىلىغىچە، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارالىق سودا مەركىزىي قىلىپ قۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسىنى 5 مىليونغا يەتكۈزىدىكەن.

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى "5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئىككى قېتىم قارار چىقىرىپ، باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلەرنى ئۈرۈمچىدىن قوغلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى زور دەرىجىدە شالاڭلاشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ھايات كەچۈرۈشى قىيىنلاشتۇرۇلغان شارائىتتا، ئۈرۈمچىنى 5 مىليون نوپۇسقا ئىگە شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دىققەتنى تارماقتا.