دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 10-ئىيۇن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بۇ يىل 5-ئىيۇلنىڭ ئالدىدا كەينىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيانىڭ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق ئاھۇ زارىنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، نامايىش ۋە باشقا شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى بۇ ئەڭ قايغۇلۇق كۈننىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز.
2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر نامايىشنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ باستۇرغان ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالغان. كېيىن خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا راست ئوق ئىشلەتكەنلىكى ۋە بىر قىسىم نامايىشچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇلغا توغرىلاپ ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.
