يېقىندا يۇتۇپ ۋە باشقا تور بېكەتلىرىگە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قويۇلغان بىر سىنئالغۇ لېنتىسىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى كۈنلەردە، خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن. سىنئالغۇنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارغا قوللانغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
سىنئالغۇ لېنتىسىدىكى كۆرۈنۈشلەردە، خىتاي قوراللىق ساقچى، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇش جەريانىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا قوللانغان قەبىھ ئۇسۇللىرى، قوللىرىنى دۈمبىسىدىن قايرىپ باغلاپ، يېرىم يالىڭاچلاپ يەردە دۈم ياتقۇزۇپ قويۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى، خىتاي ئەسكەرلىرى چوڭ بىر دائىرىدە قورشاپ تۇرغىنىدا ئەتراپتا كالتەك كۆتۈرۈۋالغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى ئۇرۇشقا ئىنتىلگەن ھەرىكەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىنىڭ تورغا قويۇلۇشى بىلەن تور بەتلىرىدە يېزىلغان بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەم تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا قوللانغان قانۇنسىز ۋاسىتىلىرى ئاشكارىلىنىدىغان باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر ھەم پاكىتلارنىڭ بارلىقى بايان قىلىنىپ، بۇلارنىڭ داۋاملىق ئاشكارىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
[ http://azatliq.net/forum.php?mod=viewthread&tid=2667Opens in new window ]