5-ئىيۇل ھارپىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ بىئارام قىلغان

ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان خىتاي ئاھالىلىرىدىن بىرى بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ھارپىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

شىكايەت قىلغۇچى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى چارلاشنىڭ زىچلىقى، قوراللىق قىسىم ساقچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە دوقمۇش-دوقمۇشتىكى بىخەتەرلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ شەھەرنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئەنسىزلەشتۈرىۋېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۈ فامىلىلىك كىشى غۇلجىدىن كەلگەن دوستلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن غۇلجا شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە غۇلجا شەھەر كوچىلىرىنى قوراللىق قىسىملار برونىۋىكلار بىلەن تىنىمسىز ھالەتتە كېزىپ يۈرمەكتە.

برونېۋىك ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى شەھەر ئاھالىلىرىگە خۇددى بىر ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيچىلىكىنى ھېس قىلدۇرماقتا. مەزكۇر شىكايەت قىلغۇچى سۆزى ئارىسىدا يەرلىك ئاھالىلەرگە ھەقسىزلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە يەرلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارىتا غەزەپ نەپرىتىنىڭ تېشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشى، بولۇپمۇ مىللىي مەسىلىلەردە ھۆكۈمەتنى ئەيىبلىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلۈۋاتقان بىر ئەھۋالدۇر. قەشقەر شەھىرىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىدىن بەزىلىرى 2008-يىلى سەمەن يولى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنلا قەشقەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقان ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرىزىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە مەلۇم ساندا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالارنى ئەنسىزچىلىككە سالغان ۋە ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر قىسىم چەكتىن ئاشقان تەدبىرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ تەھدىت ھېس قىلىشقا باشلىغان.