ئۈرۈمچى ھاۋا بوشلۇقى كونترول ئاستىغا ئېلىنىپ، لەگلەك، كەپتەر قاتارلىقلارنى ئۇچۇرۇش چەكلەندى. ئۇچىدىغان ماتورلۇق قوراللارنى كونترول قىلىش تەدبىرى يەنە كورلا، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەردە يولغا قويۇلغان.
ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا تولۇق قوراللانغان ئامانلىق كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چارلاش كۈچەيتىلگەن. خەلق مەيدانىغا نۇرغۇن ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان يولۇچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئۇچۇش سەپەرلىرىنىڭ كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئايرودروملاردا ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايرىم تەكشۈرۈلۈپ، يولۇچىلاردىن ئايىغىنى سېلىش، بەلۋېغىنى چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان ۋە يولۇچىلارنىڭ قولىدىكى يۈك-تاقا، نەرسە كېرەكلەر قايتا-قايتا تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
ئۈرۈمچى «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» 1-سېنتەبىر باشلىنىپ 5-سېنتەبىرگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر يەرمەنكە ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارشى دىپلوماتىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرمەنكىگە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئوتانبايىۋا قاتارلىق شەخسلەر قاتنىشىدىكەن.