ئالاھىدە ساقچىلار ئۈرۈمچىدە ئىشقا چۈشتى

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 5 مىڭ كىشىلىك ئالاھىدە ساقچى قىسمى قۇرغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىسىملارنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى ئىشقا چۈشكەن.

ئۈرۈمچى تورىدا كۆرسىتىشىچە، 25 - ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدە مەزكۇر ساقچىلارنىڭ چېنىقىشىنى تاماملاش ۋە ئىشقا چۈشۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەت ئىشقا چۈشكەن ساقچىلارنىڭ سانى 1200 نەپەردىن ئاشىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تەسىس قىلغان 5 مىڭ كىشىلىك ئالاھىدە ساقچىنىڭ 2300 نەپىرى بۇ يىل 4 - مارت ئىشقا چۈشۈپ بولغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايىنى جامائەت خەۋپسىزلىك نازىرى جۇ چاڭجىيېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ساقچىلار 50 كۈن يېپىق ھالەتتە تەربىيىلەنگەن. بۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتى ئۆتەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىگەن ھەربىي قىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق 6 - تارماق ئەترىتىنى قۇرغان ۋە بىر قىسىملىرىنى ساقچى قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.