چەتئەللەردىكى تىببىي ساھە مۇتەخەسسىسلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇپ كەلگەن نىكاھدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان تەن - سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، نىكاھدىن ئىلگىرى تەكشۈرۈش نىسبىتىنىڭ ئەسلىدىكى 98.8 پىرسەنتتىن 10 پىرسەنتكە چۈشۈپ قېلىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تارقىلىپ كېتىشىگە يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14 ۋىلايەت، شەھەر، بازاردىكى 94 ناھىيە ۋە رايوندا مەلۇم قىلىنغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى 24 مىڭ 818 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇملانغۇچىلار 8563 بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەلۇم قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 5. 34 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنىدا " ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى" نى ماقۇللىغان شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىن نىكاھقا تىزىملاتقاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بار يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكى قارار قىلىنغان، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بۇ خىل تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ۋە تېز ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى، يۇقىرىقى تەدبىرلەرگە سەل قارىلىش نەتىجىسىدە ئەيدىزنىڭ ئەردىن ئايالغا ۋە ياكى ئايالدىن ئەرگە، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئەھۋاللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.