5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قاماقخانىدا، بەزىلىرىنىڭ قاماقتىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپ قېتىملاپ خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ قورغاس ناھىيىسىدىكى قاماقخانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى.
شىنجاڭ تىنچلىق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشى ئاساسلىقى، ئات بەيگە مەيدانى، تاشبۇلاق (خېيجياسەن) ۋە غالىبىيەت يولى ساقچىخانىسى قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ساقچىخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونىدىكى ساقچىخانىلاردا جىنايەت گۇماندارلارنىڭ غەيرى نورمال ئۆلۈم ۋەقەسى كۆپ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئەمما، خەۋەردە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈشىنى ئۇيغۇر ئاممىسى ئىچىدىن كەلگەن نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن ۋە ياكى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن بېيجىڭدىن كەلگەن بۇيرۇققا ئاساسەن ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.