خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۈرۈمچىدە خەلق مەيدانىغا ئادەم كىرگۈزمەيۋاتىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن 'شىنجاڭغا ياردەم بېرىش' ئۈچۈن كەلگەنلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خىتاينىڭ 'خەلقنى باي قىلىش، خاتىرجەم ياشىغۇزۇش' دېگەن چوڭ پىلانىنى قانداق ئىجرا قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-06-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق فاڭ فامىلىلىك بىر ئايالنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۈرۈمچىدە 'يول ياسىلىۋاتىدۇ' دېگەن نام بىلەن خەلق مەيدانىغا ئادەم كىرگۈزمەيۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، قايتىدىن يەنە ئادەملەرنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى چەكلىنىشكە باشلىدى. ھەربىي قىسىملارنىڭ كۇچا چارلاش ئاپتوموبىللىرى يەنە كۆپىيىپ قالدى. ھازىر سىرتقا چىقىدىغان ئادەم ئازلاپ كەتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرەپتە ئىشلەيدىغان تونۇشلارنىڭ ئېيتىشىچە، 7‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى (دۈشەنبە كۈنى) دىمۇ ئۇلارنى ئارامغا قويۇۋېتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت