ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق فاڭ فامىلىلىك بىر ئايالنىڭ رادىئومىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۈرۈمچىدە 'يول ياسىلىۋاتىدۇ' دېگەن نام بىلەن خەلق مەيدانىغا ئادەم كىرگۈزمەيۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، قايتىدىن يەنە ئادەملەرنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى چەكلىنىشكە باشلىدى. ھەربىي قىسىملارنىڭ كۇچا چارلاش ئاپتوموبىللىرى يەنە كۆپىيىپ قالدى. ھازىر سىرتقا چىقىدىغان ئادەم ئازلاپ كەتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرەپتە ئىشلەيدىغان تونۇشلارنىڭ ئېيتىشىچە، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى (دۈشەنبە كۈنى) دىمۇ ئۇلارنى ئارامغا قويۇۋېتىدىكەن.