خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە كىتاپ كۆيدۈرۈشنى پىلانلىغان

4 ‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنى 'دۇنيا بىلىم ھوقۇقى كۈنى' ئىدى. خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى دەل مۇشۇ كۈندە، ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا، دۇنيا بىلىم ھوقۇقى كۈنىنى خاتىرىلەش دېگەن نام ئاستىدا كىتاپ كۆيدۈرۈشنى پىلانلىغان.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' دا تەسۋىرلىنىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدە 'قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى' يامراپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا 668 مىڭ 214 پارچە نەشرىيات بۇيۇملىرىنى كۆيدۈرۈشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 142 مىڭ 323 پارچە كىتاب - ژۇرنال، 125 مىڭ 250 پارچە كالېندار، 71 مىڭ 840 پارچە تەشۋىق ۋارىقى بار ئىكەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى لى يى، جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، سياسىي، دىنىي مەزمۇندىكى قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىنى 'سېرىق ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش' خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىشنى بۇيرىغان ئىكەن.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا خىتايچە مەدەنىيەت تىكلەش ئۈچۈن، مىللىي، دىنى مەزمۇندىكى نەشىر بۇيۇملىرىنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە. 2001 يىلى قەشقەر دە ئۇيغۇرچە تارىخ، مەدەنىيەت، ھۈنەر - كەسىپ مەزمۇنىدىكى كىتابلارنى كۆيدۈرۈشنى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىمۇ كىتاپ كۆيدۈرگەن ئىدى.