ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلىرىنى نامايىشقا چاقىرغانلاردىن ئاز دېگەندە 2 كىشى قولغا ئېلىندى

ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نامايىشقا چاقىرغان 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن ئاز دېگەندە 2 كىشى قولغا ئېلىنغان. قالغان 2 ياشنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشقا چاقىرغان يۇقىرىقى 4 ياشنىڭ 2 نەپىرى، 20 ‏- دېكابىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىۋاتقاندا مەكتەپ ئامانلىقنى ساقلاش دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان.

خەۋەرلەردە بۇ ئىككى ياشنىڭ دەسلەپ مەكتەپ ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى، لېكىن قويۇپ بېرىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قايتا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى مىرئادىل ياسىن، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپ قېيۇم ئىكەن. لېكىن مەكتەپ دائىرىلىرى تەشۋىقات ۋەرەقىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ياشلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشقا چاقىرغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئوقۇغۇچى ياكى جەمئىيەتتىكى ياشلار ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەكتەپ دائىرىلىرى 24 ‏- دېكابىر كۈنى تەقدىرلەش يىغىنى چاقىرىپ، تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتقۇچىلارنى بايقىۋالغان مەكتەپ ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىدىن نىياز مۇھەممەت ئىمام، ئىليار ئابلىمىت ۋە ۋاڭ بىڭنى مۇكاپاتلىغان.