شىنجاڭ ئامانلىق تورىدىكى خەۋەردە "ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇندىن كېيىن ئوقۇش، تىجارەت ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك چەتئەلگە چىقماقچى بولغانلار، ئەگەر جىددىي ئىلتىماس قىلغان تەقدىردە پاسپورتىنى تېز سۈرئەتتە بېجىرىپ بېرىدۇ" دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا بىر مەھەل پاسپورت ئىشلەشنى توختىتىپ قويغان، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغان ۋە ئەسلىدىكى رەسمىيەتلەرنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئۇيغۇرلار پەقەت پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى ئېلىش ئۈچۈنلا تاكى مەھەللە كومىتېتىدىن تارتىپ رايون ۋە شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغىچە يول ماڭىدىغانلىقى، ھەتتا دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن ئىسپات خېتى ئالىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئەمما ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۈگۈن تارقاتقان ئۇچۇرىدا، بۇندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش جەريانىنى ئاددىيلاشتۇرغانلىقىنى، ئىلتىماس قىلغۇچى پەقەت ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى بولسا ۋە چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن نورمال بىر سەۋەبى بولسىلا دەرھال ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنىڭ يەنىلا ئوخشاش قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش ۋە چەتئەللەردە تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
