شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز قوغلاپ تۇتۇلغان ئادەم سانى 253 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ساۋ جژخېڭنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يېقىندىن بۇيان، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەردىن ئىز قوغلاپ تۇتقان ئادەم سانى 253 كە يەتتى.

ھازىر ئۇلار سوراق قىلىنىۋاتىدۇ. 'دوۋېي ئاگېنتلىقى' نىڭ خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى 'ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايەتچى گۇماندارى' دەپ ئىز قوغلاپ تۇتماقتا.

'بوشۈن تور گېزىتى'نىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوت مەھكىمىسدىن ئېگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىن تۈركۈملەپ ئادەم ئاجىرىتىپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ۋە خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى بۇيىچە نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچى دەپ بىر تەرەپ قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىدۇ.