ئۈرۈمچىدە 'خىتاينىڭ ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىغىنى' ئېچىلدى

خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە ئاشكارىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 'خىتاينىڭ ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىغىنى'دا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا نازارىتى بىلەن بىڭتۇەننىڭ ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-10-27
Share

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى بۇ كېلىشىملەرنى ماختاپ " شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئىشسىزلىق نېسبىتى باشتىن -ئاخىر 4% دىن تۆۋەن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كۆپەيگەنسېرى ئىشسىزلىق نېسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ" دېگەن.

نۇر بەكرى خىتاي تاللىۋالغان ئاپتونوم رايون رەئىسى، ئۇ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىشنى، تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈشنى كۈچەپ يولغا قويۇۋاتقان ئەمەلدار.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت