خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى بۇ كېلىشىملەرنى ماختاپ " شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئىشسىزلىق نېسبىتى باشتىن -ئاخىر 4% دىن تۆۋەن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كۆپەيگەنسېرى ئىشسىزلىق نېسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ" دېگەن.
نۇر بەكرى خىتاي تاللىۋالغان ئاپتونوم رايون رەئىسى، ئۇ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىشنى، تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈشنى كۈچەپ يولغا قويۇۋاتقان ئەمەلدار.