ئۈرۈمچىدە ئىش ھەققىنى ئالالمىغان خىتايلار زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللىنىپ شىركەت ئىشخانىلىرىنى ئىگىلىۋالغان
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلارنىڭ مەخسۇس قۇرۇلۇش - قوراشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېڭخې ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان خۇاۋېي ھەسسىدارلىق شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ماجرا چىققاندىن كېيىن، بۇ جەرياندا ئىش ھەققىنى ئالالماي غەزەپلەنگەن 300 دىن ئارتۇق ئىشچى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋېنچۇەن يولى 34 - يول ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا توپلىنىپ، زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللىنىپ، شىركەتنىڭ ئىشخانىلىرىنى ئىگىلىۋالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىش ھەققىنى ئالالماي غەزەپلىنىپ شىركەت ئىشخانىلىرىنى ئىگىلىۋالغان بۇ ئىشچىلار 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 'مەسىلە ھەل قىلىنغانغا قەدەر، بىزنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە يېتىپ - قوپۇشىمىز مۇشۇ جايدا بولىدۇ' دەپ جاكارلاپ، بۇ قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىدىغان يوللارنى پۈتۈنلەي تاقىۋالغان. ئەمما بۇ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان خوجايىنلار ھازىرغا قەدەر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى ياكى ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ئۇلارنى باستۇرغىلى كەلمىگەن.