ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى گۆرۈگە ئېلىشقا قارشى تۇرۇش مانېۋىر ئېلىپ باردى

خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى پەيشەنبە كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ خۇڭيەنچى سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان.

مانېۋىرنىڭ تەقلىد ئوبيېكتى تاكسى ۋە يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان "تېررورچىلار"نى بويسۇندۇرۇش بولۇپ، لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ مانېۋىرغا قانچە ئادەم قاتناشقانلىقى ۋە مانېۋىرنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى، فىلىپپىن ساقچىلىرى بۇ يىل 8‏ - ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى بىر فىلىپپىنلىق تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان بىر ئاپتوبۇس خوڭكوڭلۇق خىتاي ساياھەتچىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بۇ يىل 23 ‏- ئاۋغۇست، پېنسىيىگە چىققان فىلىپپىنلىق بىر ساقچى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋەقەسىدە 9 نەپەر خىتاي ئۆلگەن. بۇ ۋەقە خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدا دىپلوماتىك ئىختىلاپ پەيدا قىلىپلا قالماي، خىتاي پۇقرالىرىدا فىلىپپىن "دۈشمەنلىكى"نى قوزغىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ فىلىپپىندا يۈز بەرگەن ۋەقەگە تەقلىد قىلىپ ئېلىپ بارغان خوڭيەنچىدىكى مانېۋىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. 2009‏ - يىلى "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىلى جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر -خىتاي مۇناسىۋىتى 1949 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر خىتاينىڭ "1‏ - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى" مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ياشايدىغان رايونلاردا ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، بۇ رايونلاردىكى چارلاش ۋە گۇمانلىق، دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرگەن.