خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاپلىسىنلارنىڭ ئۈرۈمچىدە سېتىلمايۋاتقانلىقىغا، يېقىندا سىچۇەن گۇاڭيۈندىن كىرگۈزۈلگەن ئاپلىسىنلاردا قۇرۇت بايقالغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مېۋە توپ سېتىش بازارلىرىدا خىتايدىن كەلگەن بارلىق ئاپلىسىنلارنىڭ بازىرى بىراقلا كاساتلاشقان.
ئۈرۈمچى بازارلىرىدىكى ئاپلېسىنلار ئاساسلىقى سىچۇەن، خۇنەن، خۇبېي قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىكەن. ئادەتتە بۇ جايلاردىن كۈنىگە 20 ئاپتوموبىل ئەتراپىدا ئاپلىسىنلار كېلىدىغان بولۇپ،كۈنىگە يېرىمىمۇ سېتىلمايدىكەن. مېۋە توپ سېتىش بازارلىرىدا ئاپلىسىنىنى ئۆتكۈزەلمىگەن سودىگەرلەر مېۋىنىڭ باھاسىنى داۋاملىق چۈشۈرۈۋاتقان بولسىمۇ ئۈنۈم كۆرۈلمىگەن. خىتاي مېۋە سودىگەرلىرى ئاپلىسېنلارنىڭ سېسىپ كېتىشىگە ئامالسىز قاراپ تۇرماقتا ئىكەن.
شەھەر ئاممىسىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى - گۇچۇڭ يولىغا جايلاشقان مېۋە توپ تارقىتىش بازىرىدىكى بېسىلىپ قالغىنىغا ئۇزۇن بولغان سۈپىتى ئۆزگەرگەن، سېسىغان ئاپلىسىنلار، سودىگەرلەرگە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىپلا قالماي يەنە، شەھەر مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغىماقتا.