ئۈرۈمچىدە ئاممىنىڭ خىتاي ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر تارقىتىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە 30 - مارت دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا بىر قانچە يۈز ئادەم قاتناشقان توپىلاڭ يۈز بەرگەن. بۇ جەرياندا بىر خىتاي ساقچىسى يارىلانغان، ۋەقە يۈز بەرگەن غەربىي بۇلاق يولىدا بىر مەھەل قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان.

خەۋەردە ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە چۈشەندۈرۈشىنى نەقىل ئېلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 9 ئەتراپىدا ئەر گۇڭ ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى تۈرمىگە ئېلىپ ماڭغان ئۈچ نەپەر ساقچىسى، غەربىي بۇلاق يولىغا كەلگەندە يولنى توغرا كېسىپ ئۆتكەن دەي فامىلىلىك بىر ئادەم بىلەن تاكاللىشىپ قالغان . بۇ جەرياندا دەي ساقچىلارنىڭ بىرىنى خىش پارچىسى بىلەن يارىلاندۇرغان ۋە ساقچىلار ئادەم ئۇردى، دەپ ۋاقىرىغان.

ساقچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دەينىڭ قەستەن پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشى بىلەن ئەتراپتىكى كىشىلەر يىغىلىشقان. ساقچىلار ۋەزىيەتنى كونتورۇل قىلىش ئۈچۈن دەينى ئاپتوموبىلغا سېلىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

كىشىلەر ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىنى توسقان ھەمدە ساقچىلارنى مەجبۇرى ئاپتوموبىلدىن سۆرەپ چۈشۈرگەن بۇ جەرياندا ئىككى يۈزدەك ئادەم يىغىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشقا كۆپ ساندا ساقچى ئەۋەتكەن. ۋەقە 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە تىنجىتىلغان.

بۇ ۋەقەدە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ئاساسلىق كىشىلەر توختىتىلىپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. يېقىنقى بېرى خىتاي ئاممىسىنىڭ خىتاي ھەربىي ۋە ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى پەۋقۇلئاددە كۆپ يۈز بەرمەكتە.

ئۈرۈمچىدىكى بۇ ۋەقە، خىتايدا ئىككى ھەپتىدىن بېرى يۈز بەرگەن ئۈچىنچى قېتىملىق ساچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس، مەلۇم بولغاندەك، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئالدى كەينىدە قەشقەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردا ئۈچ قېتىم ئاممىنىڭ ساقچى ھەم ھەربىي كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇ خىلدىكى خىتاي ھەربىي ھەم ساقچى ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.