بولۇپمۇ، پەرزەنتلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە غايىپ بولۇپ كەتكەن ئائىلىلەر، پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىدىن جىددىي شەكىلدە ئەندىشىگە چۈشكەن. نەتىجىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر يەنىمۇ كۆپ ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆتكەن سوت ھۆكۈملىرىگە قارىتا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى پلانلىغان ۋە جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، نامايىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغان.
25 - دېكابىر كۈنى ئۇلار ئىمزا توپلاپ ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغان چېغىدا، ئۇلاردىن 7 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ 7 كىشىنىڭ 4 نەپىرى ئۈرۈمچىدىكى تيانشان رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا؛ قالغان 3 نەپىرى بولسا ئىز-دېرەكسىز. تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن بىرى پاتىگۈل ئىسىملىك 64 ياشلىق ئايال؛ يەنە بىرى ماھمۇت سابىر ئىسىملىك 59 ياشلىق كۇچارلىق كىشى.
بۇ قېتىمقى نامايىش ئىلتىماسى، 5 - ئىيۇل تۇتقۇنلىرى ھەققىدە ئېچىلغان ئەڭ يېقىنقى سوتتىن 2 كۈن كېيىن سۇنۇلغان. بۇ سوت ھۆكۈملىرى بەزىلەردە ۋەھىمە پەيدا قىلسا، يەنە بەزىلەردە باشقا كەلگەننى كۆرۈش تەۋەككۈلچىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
خەۋەردىكى يىپ ئۇچلىرىدىن قارىغاندا، پىلانلانغان نامايىشنىڭ ئاساسلىق چوڭلار يەنى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقچى بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.